ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارال مەسىلىسىدە بىر - بىرىنى ئەيىبلەشتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئارال دەتالىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيلىك شەنبە كۈنى يەنە ئەۋجىگە چىقتى.

خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ خىتاي ئايروپىلانىغا «خەتەرلىك دەرىجىدە يېقىنلاشقان» لىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە خىتاينىڭ مەزكۇر بايانلىرىنى ئىنكار قىلدى ۋە خىتايدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سىن ھۆججىتىنى توردىن ئېلىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە F - 15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ خىتاينىڭTU - 154 تىپلىق ئايروپىلانىغا ئەگىشىپ، ئايروپىلانغا 30 مېتىرغىچە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر پارچە قىسقا فىلىمنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شەنبە كۈنى ياپونىيە ئىچكى كابىنېت باش كاتىپى يوشىھىدې سۇگا خىتاي ئېلان قىلغان فىلىمدىكى ئايروپىلانىڭ ياپونىيە ئايروپىلانىغا ئوخشىمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ، ياپونىيە ئايروپىلانىڭ خىتاي ئايروپىلانىغا يېقىنلاشقانلىقى يالغان دېدى.

چارشەنبە كۈنى ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ سېنكاكۇ ئارىلى تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە ئايروپىلانىغا دەرىجىدىن تاشقىرى يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ يېقىندىن بۇيان ياپونيە - خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىي باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت