ياپونىيە خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىلدى
2013.12.11
ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي قاتارلىق ئەللەردىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.
ياپونىيە پارلامېنتى كېلەر ھەپتە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى بېكىتىپ، چىقىدۇ.
بۇ رەسمىي يوسۇندىكى خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ چىقىش، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى.
ئۇ، چارشەنبە كۈنى ياپونىيە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان، ۋەزىر-ۋۇزرا، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە قىلغان سۆزىدە يەنە شۇ خىل مەيدانىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى خەۋپسىزلىك مۇھىتى بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، خەلقىمىزنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن بىز يۈكسەك مەجبۇرىيەت بىلەن ئۆز دۆلەت خەۋپسىزلىك سىياسىتىمىزنى قايتا بېكىتىپ چىقىشقا موھتاجمىز.
ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىمقى خەۋپسىزلىك پىلانىغا خىتاي ئېتىراز بىلدۈردى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈندىكى باياناتىدا ياپونىيەنىڭ «جۇڭگو تەھدىتى» نەزەرىيىسىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشتىكى غەرىزى باشقا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە: ياپونىيەنى قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا چاقىرىمىز، دېدى.
خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى، خىتاينىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ياپونىيە باشقۇرۇشىدىكى سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنى ئۆز ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن تېخىمۇ يىرىكلەشكەن.