ياپونىيە تالاش تارتىشتىكى ئارال ئەتراپىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق كېمىلىرىنى بايقىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.11.15


ياپونىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى شەرقىي دېڭىزغا جايلاشقان تالاش تارتىشتىكى ئارال ئەتراپىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق كېمىلىرىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە رازۋېدكا ئايروپىلانى سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرگەن خىتاينىڭ «دوڭدىياۋ» تىپلىق جاسۇسلۇق پاراخوتىنى بايقىغان.

نۆۋەتتە ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنى خىتاي «دياۋيۈ ئارىلى» دەپ ئاتاپ، مەزكۇر ئارالنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. ياپونىيەمۇ بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى چىڭ تۇرۇپ، ئارال ئەتراپىغا كەلگەنلىكى چەتئەل كېمە ۋە ئايروپىلانلىرىنى قوغلاپ تۇرغان ئىدى.

ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق كېمىسى پەيشەنبە كۈنى ئارالغا بىر نەچچە قېتىم يېقىنلاشقان ۋە قايتىپ كەتكەن، ئەمما ئارالنىڭ 12 دېڭىز مىلى دائىرىسىگە يېقىنلىشىپ، ياپونىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرمىگەن.

كيودو تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي جۈمە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتىنى «نورمال ھادىسە» دەپ ئاقلىغان.

سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسى خىتاي ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى 2012 - يىلى سېنتەبىر توكيو شەھىرى ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى پۇلغا سېتىۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.