ياپونىيە خىتاي تالىشىۋاتقان ئارال ئەتراپىغا ئەسكەر يۆتكەشنى پىلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-11-28
Share

ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي تەرەپمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىغا ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.

بۇ سۆزلەرنى ياپونىيە مۇئاۋىن مۇداپىئە ۋەزىرى كەنجى ۋاكامىيا ئىشىگاكى شەھەر باشلىقى يوشىتاكا ناكاياما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېنكاكۇ ئارىلىرى مەمۇرىي جەھەتتىن ئىشگاكى رايونىغا قارايدىغان بولۇپ، مۇئاۋىن ۋەزىر شەھەر باشلىقىغا 2019 - يىلىغىچە مەزكۇر ئارالغا 500 كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە يەنە ئىشىگاكى ئارىلىغا قوشنا ئارال يوناگۇنىغا 150 كىشىلىك دېڭىز ساھىلىنى كۆزىتىش قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

ياپونىيە يەنە شەرقىي دېڭىزدىكى باشقا ئاراللارغىمۇ 2018 - يىلىغىچە، نەچچە يۈزلەپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.

سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى نۆۋەتتە ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدا. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىمۇ خىتايچىدا «دياۋيۈ» ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نازۇك ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت