ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.01.24

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا پەيدا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى چوڭقۇرلاشقانسېرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش چاقىرىقلىرىمۇ كۈچەيمەكتە.

24-يانۋار كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى مەخسۇس ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان. 

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رادىيومىزغا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسى قاتناشقان. ئۇلار جۈمە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا ياپونىيە پارلامېنتنىڭ 6 نەپەر ئەزاسى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان. يەنە 36 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كاتىپلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. ئۇچرىشىشتا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ كاتىپلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ۋە سىياسەت ساھەسىدىكىلەردىن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان. 

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىىيتى ئۆتكەن يىلىنىڭ سىنتەبىر ئېيىدىمۇ ياپونىيە پارلامېنت بىناسىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.