ياپونىيە پارلامېنتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ھارپىسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-01-31
Share

ياپونىيە پارلامېنتى 1-فېۋرال يەنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 3 كۈن قالغان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدىكەن. «بلۇنبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 30-يانۋار بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ھارپىسىدىكى بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارار لايىھەسى ياپونىيە پارلامېنتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئارىسىدا نەچچە ئايدىن بېرى قاتتىق مۇنازىرە قىلىنغان.

«بلۇمبېرگ» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ قارار لايىھەسىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك ھارپىسىدا ۋە ياپونىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىللىقىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى نۇرغۇن ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش قارارىنى نامايان قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ توغرىسىدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى بولغان ياسۇئې فۇناياما ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى «بلۇمبېرگ» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ھەرىكىتىنى «تۇنجى زور قەدەم» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر پۈتۈن پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەندىشە بارلىقىنى قوبۇل قىلسا، بىز بۇنىڭغا قارىتا نېمە ئىش قىلىشنى كۆرۈپ چىقىمىز».

ياپونىيە بۇرۇندىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خالىمىسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاينىڭ 2020-يىلى خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى باستۇرۇشىدىن پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەن. باش مىنىستىر فۇمىئو كىشىدا ئۆتكەن يىلى خىتاينى ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلگەن سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ناكاتانىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسلىھەتچىسى قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت