ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋاتىكاندا پاپا فىرانسىس بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا 4-ماي كۈنى ۋاتىكاندا پاپا فىرانسىس بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«كاتولىك دۇنياسى خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا 4-ماي كۈنى ۋاتىكاندا پاپا فىرانسىس بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇ پاپا فىرانسسىقا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى 55 مىنۇت داۋام قىلغان بولۇپ، سۆھبەتتە ياپونىيە باش ۋەزىرى يەنە خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ باستۇرۇلۇشى، جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو سىنىقىغا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەرنىمۇ تىلغا ئالغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت رەھبىرى. ئۇ بۇ قېتىم ۋاتىكان پاپاسى فىرانسىس بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق ۋاتىكان تەرىپىدىن مەزكۇر ئۇچرىىشىش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتتا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان ئىكەن.
ۋاتىكان ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.