ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان فۇمىئو كىشىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.09.30

ياپونىيىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى (LDP) 29-سىنتەبىر چارشەنبە كۈنى سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدانى يېڭى رەھبەر قىلىپ تەيىنلىگەن.

فۇمىئو كىشىدانىڭ ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنىدىكى پارلامېنت يىغىنىدىن كېيىن باش مىنىستىر بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلىنىدىكەن.

فۇمىئو كىشىدا ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى تەشكىللەيدىغان ھۆكۈمەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىدا ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيەسىنى كۈچەيتىشكە، ئامېرىكا ۋە باشقا شېرىكلەر بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. كىشىدا يەنە ياپونىيەنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى مۇداپىيەسىنى كۈچەيتىشنى، پارلامېنتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەش قارارى چىقىرىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نازارەت قىلىدىغان باش مىنىستىر ياردەمچىسى تەيىنلەشنى كۆزلىمەكتە.»

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» كىشىدانىڭ ئاساسەن مۇقىملىشپ قالغان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە قارىتا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇلار ماقالىسىدا «خىتاينى دۈشمەن دەپ قاراشتەك مەستانىلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىز كىشىدانىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خىتايغا قارشى كەسكىن رىقابەت لىنىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتىنى پەسەيتىشكە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.