ئاقسۇ ۋىلايىتى ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى توشمىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيىلەر داۋاملىق تۈردە جەمئىيەتتىن ياردەمچى ساقچى، ئامانلىق خادىمى ۋە چارلاش ساقچىسى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىيەتتىن جەمئىي 310 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىدە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولۇشى، ياش چەكلىمىسىنىڭ 18 ياشتىن 35 ياش ئارىلىقىدا بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا ج خ ساھەسىدىكى «ئىنقىلابىي قۇربان» لار ياكى خىزمەت كۆرسەتكەن ساقچى قەھرىمانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە 30 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى، خىتايچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت پەرزەنتلىرىگە 5 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردە زور كۆلەمدە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئاۋات ناھىيىسى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى يۈزدىن ئارتۇق ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى يېتەرلىك بولماي، پىلانغا يەتمىگەن. 

ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورى 5-ئىيۇن كۈنى قايتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياردەمچى ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش شەرتلىرىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە يانتاياق بولىدىغان ياردەمچى ساقچى بولۇشقا نىسبەتەن ئاللىقاچان قىزىقىشىنى يوقاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت