ياۋروپا بازىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان بازارغا ئايلىنىپ قالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.04.03

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 2-ئاپرېل كۈنى X دا ئۇچۇر يوللاپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ ئېغىر جايدىن كېلىدىغان ماللارنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ پەقەت 1- ۋە 2-ئايلاردىكى سانلىق مەلۇماتلار (يىللىق رەقەمدىن ئېشىپ كەتكەن) بولۇپ، مال سېتىشتا 200 پىرسەنتلىك ئېشىش بولۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە» دېگەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ سۆزى خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىشىغا بولغان ئەندىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

بۇ يىل 5-مارت كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى قانۇن-چارىلەر توغرىسىدا ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتىكى ئەمەلىي كۈچى گۇمانلىق. قانۇندىكى ماددىلارغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەلۇم بىر مەھسۇلاتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، شۇڭا بۇ قانۇننىڭ قانچىلىك كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس» دېگەنىدى.

 «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 21-مارت بەرگەن خەۋىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ بۇ يىل 1- ۋە 2-ئايلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىمپورت قىلغان تاۋارلارنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 200 پىرسەنتتىن كۆپ ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز X دە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مەزكۇر خەۋەرنى مەنبە سۈپىتىدە كۆرسەتكەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ياقتىن مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەيدىغان  ۋاقىتلىق كېلىشىم تۈزۈپ، بىر ياقتىن خىتايدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىدىن كۆپرەك ئەنسىرەيدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى يېتەرلىك چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

  «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە خىتايدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت پولشا، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار خىتايدىن كىرگۈزىدىغان ماللار ئاساسەن لىتىي باتارېيەسى، پەمىدۇر قىيامى ۋە پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.