«ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گە كىشىلىك ھوقۇق ماددىلىرىنى كىرگۈزۈش چاقىرىق قىلىندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 12-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، 36 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگىنىغا بىرلەشمە چاقىرىق سۇنۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ماددىلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ بىرلەشمە چاقىرىقتا تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونى مەسىلىلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىم تۈزۈش مەجبۇرىيىتى، ئەخلاق مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، دېموكراتىيە، قانۇن-تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. بۇ، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ».
مەزكۇر چاقىرىقتا يەنە تۆۋەندىكى تەكلىپلەر بېرىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ كېلىشىمنى تۈزۈشتىن ئاۋۋال خىتاينىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى، بولۇپمۇ «پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ نېگىزلىك ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەزكۇر كېلىشىم چوقۇم كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك».
بۇ چاقىرىقتا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتى داۋامىدا مۇمكىنقەدەر ئوچوق-ئاشكارە بولۇشى، ئامما بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشى ۋە مۇنازىرە قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.