ياۋروپا ئىتتىپاقى: «يېڭى ۋىرۇس زور خەتەردىن بېشارەت بەرمەكتە!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-11
Share

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى بويىچە بىر زور ۋەھىمە قوزغاۋاتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەسمىي ئىنكاس بىلدۈرۈپ «بۇ ۋىرۇس دۇنيا ئۈچۈن بىر زور خەتەردىن بېشارەت بەرمەكتە» دەپ كۆرسەتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 10-فېۋرالدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىسسىيەلىرى 27 ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە جانغا زامىن بولۇش ئەھۋالىنى «دۇنيانىڭ ئاممىۋى ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر زور خەتەرنى پەيدا قىلماقتا» دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇنداقلا بۇ ۋىرۇس ھەققىدىكى تەتقىقاتقا ئون مىليون ياۋرو ئاجراتقان. بىرىتانىيە ھۆكۈمىتىمۇ رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنكاس بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۆتكەن بىرنەچچە كۈندە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بىرئاز ئاستىلىغان. ئەمما خىتايدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر «فېۋرال ئېيىدا بۇ كېسەلنىڭ بىر قېتىملىق يۇغۇرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن. خىتاي مۇتەخەسسىس جوڭ نەنشەن BBC ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە «مېنىڭچە ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋەھىمىسى تۈگەپ، كونتروللۇق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت