ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ھەرىكەت قوللىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-17
Share

17-فېۋرال «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى سودىسى بىراقلا ئاشقان بولۇپ، گېرمانىيەدىن خىتايغا كۆپلەپ ئېسكپورت قىلىنىدىغان توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ سودا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان ياۋروپا كارخانىلىرى ئۇيغۇر رايونى بىلەن قىلىنىۋاتقان سودىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخى ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق چەكلىمە ياكى ئىمبارگو يولغا قويمىغان، ئەمما خىتاي بىلەن تۈزگەن «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلار كۆپلەپ ئاشكارىلانغانچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن تۈزگەن «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» دە خىتاينىڭ چوقۇم خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، تەنقىدچىلەر بۇ كېلىشىمنى خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت