ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كومىتېتى رەئىسى ھېنرى مالوسسى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.28

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كومىتېتى رەئىسى ھېنرى مالوسسى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار يەنىمۇ ئېغىر كەمسىتىشكە دۇچ كەلمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويغان. ھېنرىي مالوسسى ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، ‏2014‏-يىلى چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن توي قىلغان ئائىلىلەرنى 10 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلاش سىياسىتى چىقىرىشىنىڭ بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى، ماددىي مۇكاپات بىلەن تەقدىرلىنىدىغان بولۇشىغا قارىماي، رايوندا ئاساسەن مەغلۇپ بولغان. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن يېڭىچە ئىستراتېگىيەلەرنى سىناشنى باشلىغان.

ھېنرىي مالوسسى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ تاكتىكىلارنىڭ بىرى دەل ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋە ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر قامالغان قايتا-تەربىيە لاگېرلىرى بولسا، ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئىمتىھانىدا «مىللەتلەر ئارا تويلىشىش» تىن بولغان بالىلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 20 نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ئىكەن.

ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەسلىدىكى خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇرلارغا 50 نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتا-ئانىسىدىن بىرى خىتاي بولغان، يەنى بىر ئۇيغۇر، بىر خىتايغا ئوخشاش «مىللەتلەر-ئارا تويلىشىش» تىن بولغان بالىلارغا 20 نومۇر قېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ھېنرى مالوسسى ئەپەندى ماقالىسىدە، يۇقىرىدىكى بۇ قارار بىلەن ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر بولغان بالىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ تەبىئىي ھالدا چەكلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بىر ئېتنىك كەمسىتىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىملىك ئاساسىنى يوق قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.