ياۋروپا ئىتتىپاقى «ماگنىتىسكىي قانۇنى» ماقۇللاپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.10

ياۋروپا ئىتتىپاقى 9‏-دېكابىر ئۆزىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ماقۇللاپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ھارپىسىدا، شۇنداقلا خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن مەزگىلدە «ماگنىتىسكىي قانۇنى» ماقۇللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار بىخەتەرلىك ئالىي كومىسسارى جوسېف بورېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 9‏-دېكابىر كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى بىردەك ماگنىتىسكىي قانۇنى چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى قارار قىلغان.

جوسېف بورېل مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «بىز قانۇن چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى يەر شارى خاراكتېرلىك جازالاش تەدبىرى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدۇق. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنى ئامېرىكىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ» دېگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3‏-دېكابىر كۈنى ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» دە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. جوسېف باياناتىدا يەنە، «بۇ قانۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى نامايان قىلىدىغان ئەستايىدىل بىر قەدەمدۇر» دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر قارارى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئارىلىشىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 9‏-دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئەگەر ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ بىر ئەھمىيىتى بولسا، ب د ت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا قارىتا دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.