ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.12.13

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى 10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» بايانات ئېلاپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، خەلقئارانىڭ رايوندا تولۇق ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا يەنە تۇنجى قېتىم ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىقلار ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشتەك جىنايى، غەيرىي ئىنسانى ۋە غەيرىي ئەخلاقىي قىلمىشنى توختىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى سىستېمىلىق چەكلەش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كېلىشىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت كونترولى، جىنسىي زوراۋانلىقلارغا ئائىت دەلىللەت ئاساسىدىكى دوكلاتلاردىن داۋاملىق قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا».

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغولدىكى ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا ۋە قوغداشقا چاقىرىدىكەن.

باياناتتا يەنە «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ۋەزىيەتنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، تەرەپسىز ۋە ئوچۇق-ئاشكارا باھالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە مۇستەقىل خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر، چەتئەللىك ژۇرنالىستلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ھەقىقىي، چەكلىمىسىز ۋە نازارەتسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشنى چاقىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.