ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك باستۇرۇش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 20-ماي كۈنى ئاۋاز بېرىش ئاياغلىشىپ، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ رەسمىي توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى جاكارلاندى.
«بوغۇز ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا «ئېمبارگو» قويغان ياۋروپادىكى سىياسىي ئەربابلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىركەتلەرنى بىكار قىلىش بۇ قېتىمقى قاراردىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. چۈنكى بۇ كىشىلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى «دۈشمەن كۈچلەر» دەپ قارىغانىكەن. ياۋروپا پارلامېنتى سودا پالاتاسىنىڭ رەئىسى جورگ ۋۇتكې بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز ئېنىق بولغان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ سۆھبەت داۋام قىلغىلى يەتتە يىل بولغانىدى. ئەمدى ئۇنىڭ يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە يەنە يەتتە يىل كېتىشى مۇمكىن» دېگەن. خىتاي «ئېمبارگو» قويغان سىياسىيونلارنىڭ بىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيەدىن بولغان ئەزاسى رېينارد بۇتىكوفېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي چوتنى خاتا سوقۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىشى لازىم» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىشنى توڭلىتىش قارارى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسى ئۈچۈن ئېغىر زىيانلارنى پەيدا قىلىدىكەن.