ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۈز نەپەر ئەزاسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.10.26

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى راينخارد بۇتىكوفېر 23-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىگە بىرلەشمە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.

راينخارد ئەپەندىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپقا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۈز نەپەر ئەزاسى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قىسىم ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش بەدىلىگە ئىشقا ئېشىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىسىنى چەكلەش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خىل ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشقا خاتىمە بېرىشى لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەكتۇپتا نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقى، يەنە كېلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش ھەققىدە قارار ئالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ھەققانىيەت سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.