ياۋروپا-سودا تەشكىلاتى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى»غا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2015.12.29
ياۋروپا سودا تەشكىلاتى 28-دېكابىر كەچقۇرۇن بايانات بېرىپ، 21-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» غا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: تېررورلۇققا قارشى قانۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى لايىھىسىدە، پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئالاقە سىستېمىسىدىكى مەخپىي نومۇر ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يەرلىككە تاپشۇرۇش بەلگىلىمىسى ئېلىۋېتىلىپتۇ. ياۋروپا سودا تەشكىلاتى بۇنى بىر ياخشى ئىلگىرىلەش دەپ بىلىمىز، ئەمما يەنىلا مەۋجۇت بەزى مەسىلىلەر دىققىتىمىزنى قوزغىماقتا. مەسىلەن سودا بازىرىغا كىرىش، ئەقلىي -مۈلۈك ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ۋە تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر بار».
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە «خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنىدا، پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسىدىكى مەخپىيەتلىكتە ھەمكارلىشىش تەلەپ قىلىنغانلىقى، ئەمما دەسلەپكى لاھىيىدە تىلغا ئېلىنغاندەك ‹ئارقا ئىشىك سىستېمىسى› نى ئورنىتىش، يەنى سودا شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە باش ئاپپاراتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە تور قوللانغۇچىلىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇش بەلگىلىمىسى يوقلۇقى» تىلغا ئېلىندى.