46 تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-03-31
Share

1-ئاپرىل كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىندا ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي باش مىنىستېرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق 46 ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەت ۋە تەيۋەن تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېلغا بىرلەشمە مەكتۇب يوللاپ، ئۇلاردىن «بۇ ھالقىلىق پەيتتە خىتايغا قارشى قەتئىي بولۇش» نى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار مەكتۇبىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان بىر پەيتتە، خىتاي تەيۋەنگە داۋاملىق ھەربىي تەھدىت سالماقتا. خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتتىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھازىر كىشىلىك ھوقۇقنى دۇنيا دېموكراتىيەسىنى جانلاندۇرۇشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە خىتايغا قاراتقان سىياسەتلەرنىڭ مەركىزىگە قويۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى باشلىقلار يىغىنىدا ئېنىق، بىرلىككە كەلگەن ۋە قەتئىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغان پەيت ئەمەس.»

يۇقىرىقى 46 تەشكىلات ئورتاق باياناتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن سۆھبەت جەريانىدا «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزىنى قوللىماسلىق، تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى زۇلۇملىرىنى ئاياقلاشتۇرۇش ھەققىدە خىتاينى كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. باياناتتا يەنە: «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنىڭ ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پەيت كەلدى،» دېيىلگەن.

ئاخىرىدا، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت