ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى مەبلەغ سېلىش پىلانى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-12-02
Share

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتى بىلەن 300 مىليارد ياۋرولۇق يېڭى مەبلەغ سېلىش پىلانى يولغا قويغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يەر شارى يولى ئۇل ئەسلىھە ئىستراتېگىيەسى» ناملىق مەبلەغ پىلانى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىكى تەسىرىنى زورايتىشىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېرلېيىن خانىم ياۋروپانىڭ ئۇل ئەسلىھە ئسىتراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېخنىكا ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ ئىستراتېگىيەسىنى «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىن ئەلا،» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ مەبلەغ پىلانىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتى، دېموكراتىك قىممەت قارىشى ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى ئاساس قىلىدىغان ئىجابىي قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامرات دۆلەتلەرگە دەرىجىدىن تاشقىرى مىقداردا قەرز مەبلىغى بېرىپ، قەرزنى قايتۇرالمىغاندا بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يەرلىرىنى ئېلىۋېلىشى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى «قەرز قىلتىقى قۇرۇلۇشى» دەپ سۈپەتلىگەن.

ئۇرسۇلا خانىم سۆزىدە بۇنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «خىتاينىڭ مەبلىغىنى ئالغان دۆلەتلەر ساۋاق ئالدى. ئۇلار تېخىمۇ ياخشى ۋە پەرقلىق تەكلىپلەرگە ئېھتىياجلىق. بىز دېموكراتىك قىممەت قاراشلار ئاساسىدىكى تەكلىپ بىلەن ھەرقانداق جىددىي خىرىسقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىمىز،» دېگەن.

پىلانغا ئاساسەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ۋە ئۇنىڭ قەرز بېرىش ئورگىنى بولغان ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى 2027-يىلىغىچە ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي مەبلەغتە 300 مىليارد ياۋرو مەبلەغ جۇغلاشنى نىشان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار يېشىل ھىدروگېن قۇرۇلۇشى، سۇ ئاستى ئۇچۇر تورى ۋە مائارىپقا مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت