ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.18

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەر قاتارىدا يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاننا فوتىيگا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىردى.

«يېڭى ياۋروپا» گېزىتىنىڭ 18-سېنتەبىر سانىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا ئاننا فوتىيگا خانىم ئۆتكەن ھەپتە ئۆزى ۋە باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيلى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان ماسكا تاقىغان ھالدا ئىش بېجىرىش پائالىيىتىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ياۋروپا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا لېيېن خانىمنىڭ ئىتتىپاق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ «ياۋروپا ماگنېتىسكى قانۇنى» نى تونۇشتۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئاننا فوتىيگا ماقالىسىدا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا گېرمانىيە رەھبىرى ئانجىلا مېركېلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا يوقنىڭ ئورنىدا سۆز قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقىنى تەنقىدلىدى. شۇنىڭدەك «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇشۇنداق زور پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر كۆزىنى قىسىۋېلىشى پەقەتلا قاملاشمىغان بىر ئىش» دېگەن. 

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ياۋروپا پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان بىر ئورتاق قارار ئېلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.