ياۋروپا پارلامېنتى: «تاش پولات تېيىپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىم ۋە ئەدىبلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارىيا ئارېنا 27‏-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تاشپولات تېيىپ، ساتتار ساۋۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئالىم ۋە ئەدىبلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

ئۇ باياناتىدا «مەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپقا يېقىندا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق چۆچۈدۈم. ئۇ 2017‏-يىلى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىلغان ۋە ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن، كېيىن مەخپىي ۋە ناھەق سوتلانغان. ئۇنىڭ «كېچىكتۈرۈلگەن ئۆلۈم جازاسى» نىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزگەرتىلىش ئېھتىمال بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە ئۇنىڭ جازاسى يېقىندا ئىجرا قىلىنىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە» دەپ تەكىتلىگەن. 

ئۇ باياناتىدا يەنە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى يالقۇن روزىنىڭ نامەلۇم ئەيىبلەشلەر بىلەن ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تەنقىدلەپ، «مەن ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پۇقرالىرىغا ئوخشاش خالىغانچە ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان، دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن،» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى پىلاندىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى2017‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپنى گېرمانىيەگە بىر خەلقئارا ئىلمىي يىغىنىغا ماڭغاندا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئالىم ۋە ئەدىبلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلۈم جازاسى ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماقلارغا ھۆكۈم قىلىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت