ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىمبارگوسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-07
Share


ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىمبارگولىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا چاقىردى.

رويتېرسنىڭ يېزىشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى باشلىقى فرېدېرىئا موگېرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى تۈركىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ.

موگېرىنى مەزكۇر سەپەرنىڭ مەقىسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ سەپەر ياۋروپا - تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ۋە بىزنىڭ قاتنىشىش دائىرىمىزنى كېڭەيتىشكە بولغان ئىنتىلىشىمىزنىڭ ئىسپاتى» دەپ تەكىتلىگەن.

مەلۇمكى، تۈركىيە ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىمبارگولىرىغا قوشۇلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى يېقىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 10 غا يېقىن ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى، رۇسىيە تۈركىيىگە ئۆز تەبىئىي گازلىرىنى 6% ئەرزان باھادا بېرىش ھەمدە قارا دېڭىز ئاستىدىن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، ھەر يىل 63 مىليارد كۇب مېتىر تەبئىي گاز ماڭدۇرۇشقا پۈتۈشكەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بۇ زىيارىتى ئارقىلىق ئەنقەرەنى رۇسىيەگە قارشى ئىمبارگوغا قاتنىشىشقا ۋە ياكى ھېچ بولمىسا ئۆز پايدىسىنى كۆزلەپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنالماسلىققا ئۈندىمەكچى ئىكەن.

تۈركىيە ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن كۆپ ئىنتىلگەن، ئەما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئالاھىدە كۈچەيتىشكە كىرىشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت