ئامېرىكا «يەھۇدىيلار ئاممىۋى ئىشلار كېڭىشى» ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشنى قارار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.04.29

ئامېرىكادىكى يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاساسلىق سىياسەت مەركىزى بولغان «يەھۇدىيلار ئاممىۋى ئىشلار كېڭىشى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئەيىبلەشنى قارار قىلغان.

«يەھۇدىيلار ئاممىۋى ئىشلار كېڭىشى» نىڭ قارارلىرى ئادەتتە باشقا نۇرغۇن يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا مۇزاكىرىسى نەتىجىسىدە چىقىرىلىدىغان ھەمدە ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلارنىڭ پائالىيەت-ھەرىكەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قارارلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

«يېرۇسالىم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېڭەش يېقىندا بارلىق دۆلەتلىك ۋە يەرلىك يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە چاقىرغان ئىككى كۈنلۈك قۇرۇلتايدىن كېيىن بۇ قارارنى ئېلان قىلغان. قارارنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «يەھۇدىيلار خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا ئۆز چېگراسى ئىچىدە ياشايدىغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى ئېزىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قارار يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان بولۇپ، قارار بويىچە يەھۇدىيلار ئاممىۋى ئىشلار كېڭىشى ئۆز كۈنلۈكى ئاستىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى سۆز قىلىشقا ۋە باشقا جەمئىيەت ۋە گۇرۇپپىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام ھەرىكىتى بەرپا قىلىشقا» چاقىرىدىكەن.

مەزكۇر كېڭەش ئامېرىكادىكى ئەڭ كۈچلۈك لوبىچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت بەلگىلىشىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.