خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر يەھۇدىي كىشى ئۇيغۇرلارنى قوغداش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.03

ئەنگلىيەلىك بىر ئورتادوكس يەھۇدىسى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت باشقارمىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاندرېۋ ئىسىملىك بۇ يەھۇدىي نامايىشچىنىڭ نارازىلىق پائالىيىتى بۇ يىل 3‏-ئايدىن باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭغا بالۇش سولومان ئىسىملىك يەنە بىر يەھۇدىي نامايىشچى قوشۇلغان. ئاندرېۋ ئەنگلىيەدىكى «يەھۇدىي ھادىسىلىرى» ناملىق تور گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى «ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاندرېۋنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ كوچىدىكى ماتورلۇق يولۇچىلارنىڭ «خىتايدا 3 مىليوندەك مۇسۇلمان جازا لاگېرلىرىغا قامالدى» دېگەن لوزۇنكىغا دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق نامايىشنى كەچلىك ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتايدا تەخمىنەن 3 مىليوندەك ئادەم جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇنچىلىك زور كۆلەمدە ئادەم تۇتقۇن قىلىنسا، مەن قانداقلارچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرالايمەن. مېنىڭ ئاپام ماڭا: "بۇنىڭدىن 80 يىل ئاۋۋال بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز جازا لاگېرلىرىغا سولانغاندا دۇنيا سۈكۈت قىلغان، بۇ توغرا ئەمەس ئىدى دەپ ساۋاق بېرەتتى. مەن خاتا بىر ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ قاراپ تۇرسام ۋە سۈكۈت قىلسام بولمايدۇ» دېگەن.

«يەھۇدىي ھادىسىلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاندرېۋ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن ناتسىستلارنىڭ «يوقىتىش لاگېرلىرى» نى پەرقلەندۈرسىمۇ، لېكىن ئۇ «ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» نىڭ دۇنيا نەچچە يىلغىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەندىن كېيىن يولغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، «بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئاساسسىز ۋە پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.