يەھۇدىي جامائىتى: بىز لاگېرلاردا نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى بىلىمىز، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلالمايمىز

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.09.16

يېقىندا فورۋارد (forward.com) تورىدا «بىز يەھۇدىيلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا نېمە ئىشلارنى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، خىتاينىڭ ئۇ ئىنسانلارنى خورلىشىغا سۈكۈت قىلالمايمىز» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ نامەلۇم يەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان سىن كۆرۈنۈشى ئالاھىدە ئىسپات سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» نامى بىلەن ئاتالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ھەر خىل قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقى، ئاياللار ئۇچرىغان خورلۇق ۋە دەپسەندىچىلىكنىڭ ھەممىدىن ئېغىر بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ خالىغانچە قۇل قىلىنىپ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ باشقا ئەللەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق قىلغان تەنقىدى ۋە بېسىمىنى قەتئىي قوبۇل قىلمىغانلىقى، لاگېرلارنى ئۆكتەملىك ۋە نومۇسسىزلىق بىلەن يەنىلا «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاشتا چىڭ تۇرغانلىقى، ئەمما چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى ئۇ جايلاردا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇنداق كەڭ-كۆلەملىك قىرغىن قىلىشى 2009-يىلدا يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ ياۋروپاغىچە كېڭەيمىچىلىك قىلىشتا ئۇيغۇرلارنى پۇتلىكاشاڭ ھېسابلاپ، كۆزدىن يوقىتىشنى نىشان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.