يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان شاھىتلار بورىس جونسوننىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.02.23

2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان شاھىتلار ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قانۇنىدىكى تالاش تارتىشلاردا ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان. «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان رۇت بارنېت، دورىت ئولىۋېر ۋولف ئىسىملىك ئىككى ياشانغان يەھۇدىي ئايال 23-فېۋرال بورىس جونسونغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن يىتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇلار بۇ چاقىرىقنى ئەنگلىيە سودا قانۇنىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ماددىسىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قانۇن تۈزۈتىش لايىھەسى ئەنگىلىيە يۇقىرى پالاتاسىدا قايتا سۇنۇلغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. رۇت بارنېت بىلەن دورىت ئولىۋەر ۋولف ئۆزلىرىنىڭ چاقىرىقىنى ۋىدېيو ئارقىلىقمۇ ئېلان قىلغان. ئۇلار چاقىرىقىدا، «ئويلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەمنىڭ شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقلەرنى ئويلىشى كېرەكلىكى»، بورىس جونسوننىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، «جىددىي ئۆزگەرتىشكە تەگىشلىك بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار «بىز سىزنىڭ تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. بورىس جونسون ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ بۇنىڭ ئالدىدا ئەنگليە سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۇم قىلىشىغا يول قويۇش توغرىسىدىكى سودا قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش لاھىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇنىشىغا كاشىلا قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.