«ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتى: «يەھۇدىيلار خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.12

بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بارلىق يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىلدى.

«يەھۇدىيلار خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان:

«يەھۇدىيلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. بىز ئۇنىڭ بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز ئۇنىڭ ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەتنى قارىلاش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئۆچمەنلىك ۋە بېسىمنىڭ نورمىغا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولۇشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلىمىز. مانا بۇ بۈگۈن خىتايدا يۈز بەرمەكتە.»

خەۋەر ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىلگەن ۋە ھازىر بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئاپتور يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا لاگېر تۈزۈمىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سادا چىقىرىشتا ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ھەربىر يەھۇدىينىڭ پۇرسەت تاپسىلا بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان فىرانسىيەلىك يەھۇدىي رىنى كاسسىننىڭ نامىغا قۇرۇلغان فوندى جەمئىيەتتە 9-ماي كۈنى «يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى» تېمىسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.