يەكەن ئايرودرومىدا قاتناش باشلىغان، ئۇيغۇر رايونىدا ئايرودروم سانى 21 گە يەتكەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.08.02

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر مىليون نوپۇسلۇق ئەڭ چوڭ ناھىيىسى بولغان يەكەندە سېلىنغان يەكەن ئايرودرومىدا تۈنۈگۈن يەنى 1-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن قاتناش باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى يولۇچىلار ئايرودروم سانى 21 گە يەتكەن.

خەۋەرلەردە ئۈرۈمچىدىن يەكەنگە 1 سائەت 50 مىنۇتتا يېتىپ كېلىش ئىمكانىنى ساقلىغان بۇ ھاۋا يولىنىڭ يەكەن خەلقىنىڭ قاتناش ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ھاشاردىن تېخى بىرقانچە ئاي ئاۋۋال قۇتۇلغان، تېخى ئاپتوموبىل ئومۇملىشىپ بولالمىغان يەكەندىكى يەرلىك خەلقىگە، بۇ ئايرودرومنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراشماقتا. 

ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى شارائىتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكانى يەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئايرودرومدىن پايدىلىنىشىنىڭ بىر قاتار ئاۋارىچىلىكلەرگە، يەنى قاتتىق تەكشۈرۈش جەريانىدىكى كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىنى بايان قىلدى. 

خىتاي خەۋەر تورىدا بۇ ئايرودرومدا 2020-يىلىغا قەدەر 200 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى قاتنايدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان. ئۇچقۇنجان ئەپەندى، بۇ تەرەققىياتتىنمۇ خۇددى رايوندىكى باشقا ئاساسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشاشلا ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.