يەكەن ناھىيىسىدە دۆلەت كادىرلىرىغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەش ۋەزىپىسى بېرىلدى
يەكەن ناھىيىسىنىڭ ۋېيبو تورىدىكى كۆزنىكىدە بېرىلگەن بىر ئۇقتۇرۇشتىن ئاشكارىلىنىشىچە، يەكەن ناھىيىسى ئاۋات بازىرىدىكى كادىرلار ئۆز تۇغقانلىرى ۋە دوست-يار، بۇرادەرلىرىنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋات بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ئىمىنجان ئەخەت «رامزان مەزگىلىدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىككىنى ئەيىبلەش» يىغىنىدا مەخسۇس سۆز قىلىپ، ھەربىر كادىرنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست-يار، بۇرادەرلىرىگە قاراتقان تەشۋىقاتنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ رامزان ئېيىدا روزى تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىلايەت رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات» لار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلاردىن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، دىنىي رادىكاللىققا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئەمما ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى خۇ خەنمىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت كادىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشتىن چەكلىنىدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.