يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىگە تەھدىت قىلماقتا
ساختا يېمەكلىك زاۋۇتلىرى ۋە سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەرگە تەھدىت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن 8-ئايدىن ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە ئون ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانۇنسىز ھالدا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 220 ‹‹ قارا زاۋۇت ›› پېچەتلەنگەن. 63 مىليون 560 مىڭ سوم قىممىتىدىكى ساختا، ناچار تاۋار بايقالغان. 50 تىن ئارتۇق يېمەكلىك كارخانىسىغا مەھسۇلاتلىرىدا كۆرۈلگەن سۈپەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن چارە كۆرۈلگەن.
يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھازىر خىتايدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يۇقىرىدىكى خەۋەردىن بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىستېمالچىلارغىمۇ ئوخشاشلا تەھدىت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتايدىكى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، زەھەرلىك ئاي توقاچ، يۇندىدىن ئايرىپ ياسالغان يېمەكلىك مېيى ۋەقەلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان سالىدىغان بۇنداق ۋەقەلەر داۋاملىق كۆرۈلمەكتە. خىتاي كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنىڭ، خىتايدىكى ھەر دەرىجە، ھەر قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن چىرىكلىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى، خىتايدا چىرىكلىك ئاياغلاشمىغۇچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.