خىتاي يېڭى زېلاندىيە زەيتۇن توپ چولپىنىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «قايمۇقتۇرۇش» قا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.25

خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتاقلىق يېڭى زېلاندىيە زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىيامىسنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سونىي بىل ۋىللىيامىس 23‏-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېرىدا خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىدا بويالغان بىر قولنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىدا بويالغان يەنە بىر قولنى قاتتىق سىقىپ، قانغا بويىۋەتكەنلىك ھەققىدىكى بىر سىزما رەسىم ئېلان قىلىپ: «بىزنىڭ ئىنسانلىق ئورنىغا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى تاللىشىمىز ئېچىنىشلىقتۇر،» دەپ يازغان. ئۇنىڭ سۆزى خەلقئارا تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

«نېيۇس خۇب» ناملىق يېڭى زېلاندىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سونىي بىل ۋىللىيامىسنى «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ كېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بەزى ساختا خەۋەرلەر ۋە يالغانچىلىقلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېتىۋالغان» ئىكەن. باياناتتا «ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۈرىشىگە ئوبيېكتىپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىمۇ «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ كېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.