ئانالىزچىلار خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەسى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ترانسىپورتىغا رىقابەت ئېلان قىلدى دەپ قارىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.01.05

ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەسى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ دېڭىز ترانسپورتىغا رىقابەت ئېلان قىلدى، دەپ قارىماقتا.

يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ تور بېتى - « سالون» دا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى؛» پىلانى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى شەكىللەندۈرگەن دېڭىز ترانسپورتى ئۈستۈنلۈكىگە خىرىس ئېلىپ كەلدى، دېيىلگەن.

مەلۇمكى، 18-نويابىر كۈنى شاڭخەيدىن 300 كىلومېتىر جەنۇبتىكى يىۋۇ شەھىرىدىن ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىگە يېتىپ بارىدىغان ئوق بېشى شەكىللىك ترانسپورت پويىزى يولغا چىققان. تۇنجى قېتىم ئېچىلغان بۇ پويىز لىنىيىسى جەمئىي 13 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ 8 دۆلەتنى كېسىپ ئۆتىدىكەن ۋە 21 كۈندە ئاخىرقى مۇساپىگە يېتىپ بارىدىكەن. ئۇ ئىلگىرىكى دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈريول لىنىيىسى دەپ قارالغان رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە-يىراق شەرق تۆمۈريولىدىن ئاز كەم بىر ھەسسە ئۇزۇن ئىكەن.

خىتاي ماللىرىنى قاچىلاپ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەرگە بارىدىغان ۋە ئۇ يەردىن ئۆزىگە جىددىي ئېھتىياجلىق خام ماتېرىياللارنى ئېلىپ قايتىدىغان بۇ پويىز لىنىيىسىنىڭ كەلگۈسىدە 21 كۈندىن 2 كۈنگە قىسقىرىش مۇمكىنچىلىكى تەسەۋۋۇر قىلىنماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.