ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەلچىلىرى خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا قارشى بىرلەشكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.04.18

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى تەنقىد قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئەلچىلىرى چارشەنبە كۈنى بىر دوكلات تەييارلاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشنى «مەخسۇس ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن تىجارەتنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىغا قارشى تۇرۇش، ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن.

گېرمانىيەدىكى ئىقتىساد خەۋەرلىرى تور بېتى بولغان «ھاندېلسبەت» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر دوكلات بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ياۋروپا-خىتاي ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى» ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتقا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەتتىن پەقەت ۋېنگىرىيە قول قويمىغان. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ بۇ «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» غا ئورتاق قارشى تۇرىدىغان بىر ئىستراتېگىيە ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «خىتاي شىركەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تىجارەت قىلىمەن دەيدىكەن بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ شەرتلىرىگە كۆندۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن. گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى بولسا «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى چوقۇم بارلىق تەرەپلەرگە ئورتاق مەنپەئەت بېرىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋېنگىرىيە، گىرېتسىيە قاتارلىق ئىقتىسادى ئاجىز دۆلەتلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بىر تۇتاش سىياسىتىگە خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.