يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى خىتايدىكى زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.02

1-ئاپرېل كۈنى، خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جەيسىندا ئاردېرىن خىتايدىكى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە توختالغان-توختالمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

بۇ ھەقتە يېڭى زېلاندىيەنىڭ «خەۋەر مەركىزى» ناملىق خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئېيتىپ: «مەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويدۇم. قولۇمدىن كېلىدىغىنى مۇشۇنچىلىك» دېگەن. 

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جەيسىندا ئاردېرىن يېقىندا يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىككى مەسچىتكە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردىنلا ئابرۇي قازانغان ئىدى. دەل شۇنداق بىر پەيتتە خىتايغا رەسمىي زىيارەتكە ماڭغان يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جەيسىندا ئاردېرىننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە قانداق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. 

ئۇ سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ئاردېرن خانىمنى زىيارەت داۋامىدا ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا ئوينىغان خەلقئارالىق باشلامچىلىق رولىنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش تەتبىقلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. 

ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى جاۋابسىز قويغان ئاردېرىن خانىم: «يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە كېلىدىغان كۈنلەردە داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى» ئىپادە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.