خىتاي يېڭى زېللاندىيىنىڭ سۈت پاراشوكىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-08-04
Share

يېڭى زېللاندىيە سودا مىنىستىرى يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى زېللاندىيىنىڭ بارلىق سۈت پاراشوكلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەخسۇس سۈتلۈك يېمەكلىكلەر ۋە سۈت پاراشوكى ئىشلەپ چىقىرىدىغان يېڭى زېللاندىيە شىركىتى فونتېرا سۈت پاراشوكى تەركىبىدىن باكتېرىيە بايقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بالىلار يېمەكلىكلىرى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، خىتاي، ئاۋسترالىيە، مالايسىيا، ۋېتنام،سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 8 دۆلەت سېتىۋالاتتى.

يېڭى زېللاندىيە سودا مىنىستىرى سۆزىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى زېللاندىيە سۈت پاراشوكلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىشكە بولىدۇ، دېگەن ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بويىچە باكتىرىيىلەنگەن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە يېڭى زېللاندىيە خىتاينى سۈتلۈك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، يېڭى زېللاندىيە سۈتلۈك مەھسۇلاتلىرى خىتايدا يۇقىرى ئىشەنچ قازانغان ئىدى، بولۇپمۇ خىتايدىكى بالىلار زەھەرلىك سۈت پاراشوكى مەسىلىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن جۇڭگولۇقلاردا ئۆز مەھسۇلاتىغا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەرنىڭ بالىلار يېمەكلىرى ۋە سۈت پاراشوكلىرىگە ئىشەنچ قىلىش كەيپىياتى كۈچەيگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت