قاغىلىق ناھىيەسىدە «80، 90، ۋە 2000 يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئۇيۇشتۇرۇلماقتىكەن
2018.02.12
قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا 1-فېۋرال كۈنى تارقىتىلغان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، قاغىلىق ناھىيەسىدە «80، 90، ۋە 2000 يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنى تەربىيەلەش مەخسۇس كۇرسى» باشلانغان. 31-يانۋار كۈنى باشلانغان بۇ كۇرس 24-قارار كۇرس بولۇپ، ئۇنىڭدا ناھىيەدىكى تەشۋىقات خادىملىرى مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
خەۋەردە كۇرستىكى ياشلارغا «دىنى رادىكال ئىدىيەلەردىن ئۇزاق تۇرۇش، ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› گە قەتئىي قارشى تۇرۇش، قانۇننى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچ نومۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، مەدەنىيەتلىك قاغىلىقلار» دىن بولۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق «ئۇلارنىڭ ۋەتەننى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۇرس قاغىلىق ناھىيەسىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ باشقا ناھىيەلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.
يېقىندا، ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەندە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن باشقا يەنە ئىشسىزلارنىمۇ يىغىۋېلىپ سىياسىي تەربىيەگە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يۇقىرىدىكى كۇرسلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.