د ئۇ ق ۋەكىلى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز» لىرى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.03.13

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما ماسلاشتۇرغۇچىسى ريان ئەپەندى 9-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-نۆۋەتلىك يىغىنىدا «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» نامىدىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېزدىن كۆپىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە دوكلات بەردى.

ريان ئەپەندى سۆزىدە ھازىر قەشقەرنىڭ ئۆزىدىلا 120 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە سولانغانلىقىنى، 2017-يىلىلا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق مەركەزلەرگە سولانغان ھالدا ھازىرغىچە سوئال-سوراقسىز تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دىكى ماددىي شارائىتىنىڭ ئىنسان بەرداشلىق بەرگۈسىز دەرىجىدە ناچارلىقى، بۇ جايغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، مىللىي كىملىك، مىللىي مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش مەزمۇنىدىكى دەرسلىكنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «يېقىندا مۇشۇ خىلدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئۈچ كىشىنىڭ جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇلارنىڭ بىرى 82 يېشىدا مۇشۇ لاگېرغا سولانغان، شۇنداقلا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىم داموللا ھاجىم» دېگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ھازىرقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار دىيارىدا 800 مىڭدىن بىر مىليونغا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى ئېيتقاندا زالدىكىلەر بۇنىڭدىن تولىمۇ تەئەججۈپكە چۆمگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە چەتئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مۇشۇ خىلدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلمىگەنلەر يوق دېيەرلىك بولۇپ، ريان ئەپەندى ئۆز سۆزىدە بۇ ئەھۋالنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنىڭدەك خەلقئارا جامائەتنىڭ ھەمدە تاشقى دۇنيانىڭ بۇ خىلدىكى زورلۇققا سۈكۈت قىلماسلىقىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.