كانادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.03.22

كانادا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مىڭلىغان كىشىلەرنى ئاتالمىش ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە سولىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلىكىگە بولغان گۇمانىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە،» دېدى.

نۆۋەتتە جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا دوكلات بەرگەن كانادالىق ۋەكىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە «مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە سولىنىشى، بۇ جەريانلارنىڭ ئوچۇق -ئاشكارا بولماسلىقى، قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولماسلىقىدەك ئەھۋاللار خىتاينىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن.

كانادالىق ۋەكىل سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى بېسىم سىياسىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ تۇغما كىشىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىق ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىلەرگە سولانغان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز،» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىۋىتتېر تورىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە ئېغىزغا ئېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.