«تەربىيەلەش مەركەزلىرى» خەلقئارادا قىزىق تېمىلاردىن بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي كېڭىيىۋاتقان «يېپىق شەكىللىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بولۇپ قالماقتا.

15-ماي كۈنى ئامېرىكىدىكى «جېيمىس تاۋن فوندى» باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئىمزاسىدىكى ماقالە ۋە «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان رايان سام ئىمزاسىدىكى ئانالىز ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بۇ ماقالىلەردە «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تىن باشلانغان ھەمدە نۆۋەتتە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە داۋام قىلىۋاتقان ئىدېئولوگىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى نۇقتىلىق شەرھلىنىدۇ.

ئادرىيان زېنىزنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ خىل مەركەزلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، تۈرلۈك مەنبەلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىل مەركەزلەر تەسىس قىلىنمىغان بىرمۇ ناھىيە قالمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ كۆلىمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى بىكار قىلىۋەتكەن «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى» نىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىكى كۆلىمىدىنمۇ زور، دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن.

بۇ ماقالىلەردە يەنە چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېڭى پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ سان جەھەتتىكى ئېشىشى تەپسىلىي كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ھەرقايسى جايلار تارقاتقان قۇرۇلۇش توختامى ھەققىدىكى 73 پارچە ھۆججەتكە ئاساسەن ئاز دېگەندىمۇ 680 مىليون سوم مەبلەغنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى بەرپا قىلىشقا ئاجرىتىلغانلىقى، بۇنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

رايان سامنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇنى شىمالىي كورېيەدىكى «ساقچى دۆلىتى» ۋەزىيىتى بىلەن ياكى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاساسىدا مەۋجۇت بولغان «ئاپارتېيد تۈزۈمى» ئارقىلىق تەسۋىرلەشكە بولىدىكەن. شۇنىڭدەك «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىشىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلىشىشتىن باشقا ئاقىۋەتكە ماڭمايدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىگە يېتىپ بولدى، دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت