تۈركىيە «تېلېگراپى»: «ئۇيغۇرلارنىڭ 5.11% ئى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا بولۇش مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەنىڭ «تېلېگراف» تور گېزىتىدە 16-ماي ئېلان قىلىنغان «قاراۋۇل مۇنارلىرى ۋە سىم توساقلار: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىدا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 5.11% نىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ «يېپىق شەكىللىك تەربىيەلەش» نامىدا جىددىي كېڭىيىۋاتقان لاگېرلىرى شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان؛ ئوخشىمىغان تەسىرلىرى، نيۇ-يوركتىن تارقىتىلىدىغان مەزكۇر تور گېزىتىگە ئوخشاش نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

«تۈركىيە تېلېگرافى» دىكى مەزكۇر ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ يۈز مىڭلاپ خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، كامېرا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان شۇنىڭدەك يەنە خىتاينىڭ رايوندىكى بۇ ھەرىكەتلەرنى «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدا مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايانلىرىدىن ئۇيغۇر لارنىڭ تەخمىنەن «11 يېرىم پىرسەنتى، يەنى بىر مىليون ئەتراپىدا ئادەم قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلاشقا بولىدىغان» لىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ماقالىدا يەنە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 200 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن 2013-يىلى 2014-يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئېلىپ بېرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلەر» نى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق جازالاش باشلىغانلىقى شەرھلەنگەن.

مەزكۇر ماقالىدە گېرمانىيىلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ ماقالىسىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ «تۈرلۈك مەنبەلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىل مەركەزلەر تەسىس قىلىنمىغان بىرمۇ ناھىيە قالمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ كۆلىمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى بىكار قىلىۋەتكەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىكى كۆلىمىدىنمۇ زور»، دەپ ئېيتقانلىرى دەلىل كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى شىددەت بىلەن كېڭىيىشىگە قارىتا يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى مەخسۇس بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ خىتاينىڭ «ماگنىتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت