مەمەت توختى:«ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇربانلىرى بولماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-18
Share

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي تەسىرى ھەرقاچان كىشىلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە.

د ئۇ ق كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئىمزاسىدا 18-ماي كۈنى «دىپلومات» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالىدا يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە جەريانىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلارغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نامدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ جايلارغا بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى، بۇ ئورۇنلار ھەققىدە مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك خەۋەرلەرگە ئاساسەن بۇ «مەركەز»لەرنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتاشقا پۈتۈنلەي بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭدەك «يىغىۋېلىش لاگېرى»نىڭ تەبىرى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ تولۇق ماس كېلىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلىدۇ.

ماقالىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياۋى كېڭەيمىچىلىك خاھىشىنىڭ نۆۋەتتە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نامىدا جىددىي ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىكى ئۆتكۈنچى ماكان بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ «ئارمانلىرى» ئۈچۈن توسالغۇ دەپ قارىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ چۈشەنچە سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنىنى بىراقلا ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ماقالىدا بايان قىلىنغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» شەكلىدىكى مۇئەسسەسىلەرنى كۆپلەپ تەسىس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى بىر زور تېراگېدىيەگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت