نۇرلان ئابدۇمەنجىن: «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدۇمەنجىن ئۇيغۇر رايونىدا «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ 23‏-نويابىر «تەڭرىتاغ» تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تېخنىكا تەربىيەلەش خىزمىتى» نى قانات يايدۇرۇش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئومۇمىي پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زور تەدبىر ئىكەن. نۇرلان ئابدۇمەنجىننىڭ مەزكۇر باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونىدا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىۋالغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ب د ت دا مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 16 دۆلەت خىتاينىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى دەرھال تاقىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 6 مۇتەخەسسىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا يەنە 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى چېن چۈەنگوغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى يۈز تۇرانە سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

نۇرلان ئابدۇمەنجىن باياناتىدا يەنە «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش خىزمىتى» نىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى «تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى توسۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقى، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەمەلىيەت شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشقا قايتىپ كېلىشنى ئۆگىنىش ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان» ئىكەن. بىراق بۇ ئورۇنلاردا يېتىپ چىققان گۇۋاھچىلار بۇ لاگېرلاردا «تۇتقۇنلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئانا تىلى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىپ، ئۇلارغا قارىتا سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، رەت قىلغانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت