بورتالادا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاھالىلەر بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا تەشكىللەنگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.08.16

بورتالادا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ 6-كۈنى يەنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى ئاخىرلاشمىغان بىر مەزگىلدە، بورتالادىكى يەرلىك دائىرىلەر، ئاپەت مەركەزلىك ھالدا يۈز بەرگەن تولى بازىرىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مۇراسىمغا قاتناشقان ئاھالىلەرنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغان، ئەمما تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاپەت رايونى بولغان تولىغا ھال سوراش زىيارىتىگە بارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تېخى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۆيى ئۆرۈلۈپ چېدىردا يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تېخىچە مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلانغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېمەك‏-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ مەسىلىسى جىددىي ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەزكۇر ئاھالىلەرگە شۆھرەت زاكىر يەنە مۇقىملىق ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، چېدىردا يېتىۋاتقان ۋە ئەسلىدىكى ئۆيلىرى خانىۋەيران بولغان كىشىلەرنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلۇشىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئۆز ھاكىمىيىتىنى پۇقرالار مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.