ئۈرۈمچىدىكى 5.1 بال يەر تەۋرەشتە بەزى بىنالارغا دەز كەتتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.08.30

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 30-ئاۋغۇست ئەتىگەن ئۈرۈمچىدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەشتە بەزى بىنالارغا دەز كەتكەن.

يەر تەۋرەش ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە كۆرۈلگەن.

ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە بەزى ئېگىز بىنالارنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ، ئىشكاپ-ئىچىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ جاراڭلاپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار، فېيىسبوك قاتارلىقلارغا يوللانغان سۈرەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، سابىق سانائەت ئىنستىتۇتى(ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئوقۇتۇش رايونى) 1-بىناسىنىڭ كارىدور تېمى يېرىلىپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دەرىجىسىنى 5.1 بال دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى تور بەتلەردىكى مۇنازىرىلەردە يەر تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ 5.1 بالدىن يۇقىرى بولۇش ئېھتىمال ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىن 12 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە 3.2 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن ۋە قاتتىق يامغۇر ياققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.