«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» غەرب تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ھەقىقەتنى بۇرمىلاش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 20-مارت كۈنىدىكى سانىدا «شىنجاڭ ھەققىدىكى ئېيتىلمىغان ھەقىقەتلەر-غەرب ئاخباراتلىرى رىياللىقنى خەۋەر قىلىشنى رەت قىلماقتا» ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە بىر ئاتالمىش ئامېرىكالىق تور يازغۇچىسى، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئەلچىسى قۇربانجان سەمەت ۋە يەنە بىر تۈرك ژۇرنالىستلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھە دېسىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى رېياللىقنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك بولمىغان خەۋەر مەنبەلىرىگە تايىنىپ خەۋەر بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا «شەرقىي تۈركىستان» تېررورچىلىرى ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرى پۇل بېرىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ ئورگانلارنىڭ ئەمەلىيەتنى بۇرمىلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھە دېسىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» نى ناتسېستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشىتىش ئارقىلىق دۇنيادا يامان تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە قۇربانجان سەمەت بىلەن ئەركىن ئۆنجان ئىسىملىك ئاتالمىش تۈرك ژۇرنالىست ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «شەرقىي تۈركىستانچى» تېررورچى كۈچلەردىن پەرقلىق كۆز قاراشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكادا ۋە تۈركىيەدە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار دېپلوماتلارنى، مۇخبىرلارنى ئالدىن ياساپ قويۇلغان «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» نى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما لاگېرلارغا ئائىت ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇپ قالالمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت