«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» غەرب ئاخباراتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» تۈنۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى چىقىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىق خەۋەر ۋە تەنقىدلەرگە جاۋاب قايتۇردى.

ماقالىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى كىشىلەرنى توغرا سىياسىي ئىدىيە ۋە ئەخلاق بىلەن قوراللاندۇرۇپ رەزىل كۈچلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا قارىتا تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى، بۇنىڭ پۇقرالارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىن توسىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ خىل تەربىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ۋە دىنىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماقالىدا، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ قانۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرىگىمۇ خىلاپ ئەمەسلىكى تەكىتلەندى. ئەمما «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ماقالىسىدە بۇ «تەربىيىلەش مەركەز» لىرىگە ئاپىرىلغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، كەچلىرى ئۆيلىرىگە قايتىشقا يول قويمايۋاتقانلىقى قاتارلىق مۇھىم جەريان ۋە ماھىيەتلىك تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىدى. 

ماقالىدا يەنە 300دىن ئارتۇق ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان تېررورچىسىنىڭ ئافغانىستان ۋە سۈرىيەدە مەۋجۇتلۇقى، بۇلارنىڭ خىتايغا قايتىپ ھەرىكەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى»، بۇنىڭ «خىتايغا تېررورلۇق تەھدىتى شەكىللەندۈرگەن» لىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارادا ئورتاق پىكىر بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىلگىرى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تىنچلىق يولى بىلەن پىكىر بايان قىلىشنىڭ ھېچقانداق بىر يولىنى قويمىغاچقا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق يوللىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى. 

يىغىۋېلىش لاگېرلىرى «ئىسلامى تەربىيە قۇرۇلۇشلىرى»، «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ بىرقانچە خىل ئاتالغان مەزكۇر ماقالىدا، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر ئورۇنلارنى قاماقخانا ۋە «كونكەنتراتىئون كامپ» يەنى، «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن. 

يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغان بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل ھالدا بۇ تېمىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا 460 مىڭ كىشىنىڭ ئورنىدىن يۆتكىلىپ كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيە كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ قارىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقىسى مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم ئېغىز ئېچىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت