خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «يېشىل ھىدروگېن» زاۋۇتى قۇرماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يېڭىلىغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە بازىسى ۋە «يېشىل ھىدروگېن زاۋۇتى»  قۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ زاۋۇت سۇنى ھىدروگېن ۋە ئوكسگېنغا پارچىلاپ، ئاندىن ئۇنى سويۇقلاندۇرۇلغان يېقىلغۇغا ئايلاندۇرىدىكەن.

«جەنۇبى خىتاي سەھەر  پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ زاۋۇت كۇچار ناھىيەسىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردە يەنە قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىدىكەن. قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 630 گېكتار بولۇپ، 900 پۇتبول مەيدانىچىلىك چىقىدىكەن.

 خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا قۇياش ئېنېرگىيەسى ناھايىتى مول بولغاچقا، يېشىل ئېنېرگىيە يارىتىشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى ھېسابلىنىدىكەن،  «يېشىل ھىدروگېن زاۋۇتى»  يىلىغا 500 مىڭ توننا كاربوننى ئازايتىدىكەن.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن چىقارغان توك بىلەن سۇنى ئېلېكترولىزلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى ھاسىل قىلىدىكەن؛ سۇنى پارچىلاش ئارقىلىق ئالىدىغان بىر كىلوگرام ھىدروگېندىن 4 لېتىر (1 گاللون) يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ئاندىن بۇ يېقىلغۇنى تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇ يەردىكى ئېنېرگىيە قىسچىلىقىنى ھەل قىلىدىكەن.

خەۋەرلەردە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي نېفىت گۇرۇھى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا توشۇغاندىن باشقا، يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان ۋە بۇنىمۇ تۇرۇبا ئارقىلىق دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە يۆتكەشنى ئويلاشقان. ئامېرىكادىكى «ۋوكس» ژۇرنىلىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى سىگال سامۇئىل  رادىيومىزغا ئېيىتقان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ لاگېرغا سولىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى غايەت زور مىقداردا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولغان بۇ زېمىننى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەنىدى. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.