خىتاي بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار يەسلىلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.02

ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتا كەڭ كۆلەملىك يەسلى قۇرۇپ، ئاساسلىق نىشانىنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىلمۇ يەسلى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كەڭەيتكەن. «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا «سوتسىيالىزىم قۇرۇلۇشچىلىرىنى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىكى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى» ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2-نويابىر كۈنى «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار يەسلىلىرىگە 428 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يەنە 28 ئورۇندا يېڭى يەسلى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بۇ يەسلىلەرنىڭ قايسى رايونلاردا قۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ 28 يەسلىنىڭ 8400 نەپەر ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىغا ئورۇن ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان ۋە بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ھەم پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن چوڭ تۇتقۇندا، لاگېر خاراكتېرلىق نۇرغۇن بالىلار يەسلىلىرىنى قۇرۇپ، ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى بۇ يەسلىلەرە ئورۇنلاشتۇرغان.

چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 600 مىڭدىن 800 مىڭغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇنلاردا «تەربىيە» كۆرمەكتە ئىكەن. «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىكى نىشانى 2025-يىلىغا قەدەر ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار يەسلىلىرى ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي ئوقۇغۇچى نىسبىتىنىڭ 98 پىرسەنتتىن يۇقۇرى بولۇشىغا كاپاتلىك قىلىش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.